بىلگە تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
شىپالىق رىتسىپتىن     ئۇلىنىش قوشاي

• يۇقۇملۇق زۇكام: بۆلجۈرگەن، تاۋۇز، كۇلى بىھىسى، ئەنبەھ (ماڭگۇ).

• كەچلىك تاماقنىڭ تۈرى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك.

• گېموروي: ئۈچ سەر ئۇرېيەنى داستا قايناقسۇدا ئېرىتىپ، لۆڭگىنى چىلاپ ئالغاندىن كېيىن سىقىپ قۇرۇتۇپ، ئورۇندۇققا قويۇپ ئۈستىدە ئولتۇرۇشنى ھەر قېتىمدا 10 مىنۇت، بىر كۈندە ئۈچ قېتىمدىن يەتتە كۈن داۋاملاشتۇرسا ئىچكى، تاشقى گېموروي، تەرىتىدىن قان كېلىش، سوڭى چىقىپ قىلىشقا شىپا بولىدۇ.

• 120 گىرام ياڭاق مېغىزىنى 30 - 60 گىرام ساپ كۈنجۈت يېغى بىلەن قورۇپ، 90 گىرام ناۋات ئارىلاشتۇرۇپ، بىر كۈندە ئۈچكە بۆلۈپ يېسە، ئۆتتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ.

• كۆك يۇمغاقسۈت،كۆك يەرلىك شوخلا يۇپۇرمىقى،كۆ پىننە يۇپۇرمىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ،سىقىپ سۇيىنى چىقىرىپ،سۈيىدە ئېغىزنى چايقىسا،ئېغىز ئىچىدىكى خاراھەتكە شىپا بولىدۇ.

• ئالما تەركىبىدىكى ئورگانىك كىسلاتا ۋە سېللۇلۇزا ئۈچەينىڭ لۆمىلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىپ، تەرەتنىڭ چىقىرىپ تاشلىنىشىغا قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

• كۆكتات يۇغاندا كۆكتات يۇغان سۇغا بىر نەچچە تېمىم ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسە، كۆكتات يوپۇرمىقىدىكى قۇرۇتلارنى يوقىتىپ، تازىلاش ئاسان بولىدۇ.

• ئەگەر كىشى ياڭاقنىڭ كۆك پوستىنى ئېلىپ قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، غار-غار قىلىپ بەرسە، گال ئاغرىقىغا كۆپ مەنپەئەتلىكتۇر.

• ﺋﺎﭺﻗﯘﺭﺳﺎﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﻣﯘﺯﻟﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﺳﯘﻏﺎ ﮬﻪﺳﻪﻝ ﻗﯘﺷﯘﭖ، ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ-ﺋﯩﻜﻜﻰﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ، ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻐﯩﻠﻰﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

• چىش ئاغرىقىغا بىر مىسقال قار مۇچنى سىركا بىلەن قاينىتىپ سوۋۇتۇپ ئېغىزغا سالسا ياكى پىشىق سىڭىرنى سۇ بىلەن قاينىتىپ ئېغىزغا سالسا چىش ئاغىرقى توختايدۇ

• تىرناق سارغايسا ھەم يىلتىزى سۇس قىزارسا، قەنىت كېسىلىنىڭ ئالامىتى.

• يۇمغاقسۈت كۆكىنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ،سۈيىدە ئېغىزنى غار-غار قىلسا،تىل ۋە ئېغىزياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.ئاغرىق پەسەيتىدۇ.

• گىرىم قىلغاندا تەگلىك مېيىغا بىر - ئىككى تامچە زەيتۇن مېيىنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە تەكشى سۈرگەندە ، تېرە تېخىمۇ پاقىراق ، جانلىق كۆرۈنىدۇ . گىرىمنى يۇيغاندا ، پاختا پەلكۈچكە ئىككى تامچە زەيتۇن مېيى تىمىتىپ يۈزگە سۈرتكەندە قېتىپ قالغان ، ياكى سۇ تەگسىمۇ چىقىپ كەتمەيدىغان گىرىملەر ئاسان چىقىپ كىتىدۇ .

• تەشۋىشلىنىش. يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندا، كىشىلەردە تەشۋىشلىنىش ۋە قورقۇش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ شىپالىق رىتسىپلار


世界之窗    QQ拼音    搜狗拼音    360    Photoshop CS6     百度音乐
بىلگە  تورى  bilge(a)189.cn   QQ:48686477
比尔盖网(碧绿心情)  苏ICP备11038082号-2